تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 31230|ئىنكاس: 513

ھېكايە ئېيتىپ بەرگۈم كەپ قالدى

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 15:09:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئسىتانبۇلنىڭ ھاۋاسى ئادەمنى سەل خىيالچان قىپ قويىدۇ . بەزىدە كۈتۈپخانىنىڭ دېرىزىسىدىن يامغۇردا ئالدىراش مېڭىۋاتقان ئادەملەر توپىغا قاراپ كىملەرنىدۇر ،نىمىلەرنىدۇر ئەسلەپ قالىمەن . بەزىدە تۇرۇپلا  قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن يېڭىچە بىر ئۈمۈد قايناپ چىقىدۇ . مۇشۇنداق چاغدا ئاندىن قولۇمغاقەلەم ئېلىپ ماڭا  ئېغىر تۇيۇلغان بەزى نەرسىلەرنىڭ بەك يەڭگىللىكىنى ھېس قىلىپ يازماسلىققا چىدىماي يېزىپ سالىمەن .7 r& ^' r$ i1 a. T
2011 -يىلى ھاياتىمدىكى ئاجايىپ مۇھىم مەزگىللەردە تۇرىۋاتاتتىم .
* o; U' z, Z! X  |' Gشۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرەتتىم . ئەمما  ئوقۇش پۈتتۈرۈشۈم بىلەنلا ھاياتىمدىكى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدىغان مۇھىم تاللاشلارغا دۇچ كېلەتتىم .  ھۆكۈمەت خىزمىتى قىلىشىم كېرەك ياكى ئۆزەم باشقا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك .   ياتلىق بولۇپ ئۆيدە ئولتۇرۇشۇم كېرەك ياكى رىئاللىقتىن مەلۇم مەزگىل ئۆزەمنى قاچۇرۇپ داۋاملىق ئوقۇشۇم كېرەك .
, F% L! d% |! }$ O* _7 p3 w1 {     2009-يىلىدىن باشلاپ ھەپتە ئاخىرلىرى ۋە تەتىل كۈنلىرى ئىشلەشنى باشلىۋەتكەن ئىدىم . ئوقۇشىڭىزغا تەسىر يەتمىدىمۇ دەپ سورىماڭلا  . ئاشۇ دەرسنى باھانە قىلىپ ئۆزىنى ئالدىراش قىلىۋالىدىغان سىتۇدىنتلارنى پەقەت چۈشەنمەيمەن ھازىرمۇ . ئىشلەش جەريانىدا ئۈگىنىۋاتقان نەرسەمنى قانداق ئۈگەنسەم بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىپ تېخىمۇ ياخشى ئۈگىنىپتىكەنمەن تېخى .5 y0 `6 ?* M+ q9 ?' ~
لېكىن دەل شۇ ئىشلەش جەريانىدا ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلىسەم قانداق بولىدۇ ،شەخسى ئورۇندا ئىشلىسەم قانداق بولىدۇ كاللامدا بىر كۆز قاراش شەكىللىنىپ بولغان ئىدى . 2 [) l# s  j& C6 B: E$ n; g/ m
ھىجابلىق قىزلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلىمىز . شەخسى ئورۇنلىرىمىزدا ئىشلىسە قانداق بولىدىغىنىنى تېخىمۇ بەك بىلىمىز  . خىزمەتنىڭ ئاخىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىق (چۈنكى نۇرغۇن شېكەتلەر  ئۇزۇنغا بارمايلا  تاقىلىپ قالىدۇ ، ماڭا  ئۇنداق ئەمەس  دەپ دەرس ئۆتمەڭلا  ، مەن ھەممىسى دېمىدىم 90 % جېقى دېمەكچى  ، مائاشى ئاز بولغاننىڭ ئۈستىگە دېگەندەك ياخشى مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىمايسىز  . قىز بالا بولسىڭىز  بىر مۇنچە گەپكە چىداپ  ، ۋە سەت قىلىق ئادەملەرنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرمەسكە  سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان گەپ .  
0 b  Q# P& I& S" \4 P   ئاپاملار قىلدەك تولغىنىپ كېتىۋاتتى . شۇنچە يىللار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشتىكى مەقسىتى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسەم ، شۇ يەردە ئىشلىسەم ،ياشىسام . ئەمما  ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى ئۇلارمۇ مەنمۇ تۇيۇپ تۇراتتۇق .چۈنكى يۇرتۇمنىڭ ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان ئىدى .
/ |: [& R$ O, Z, L  T' a* Xھىجابىم تۈپەيلى 2009 دىن بېرى ئۆيگە تۈزۈكمۇ قايتالماي (قايتساملا ساقچىخانىغا بېرىپ ئۆزۈمنى «مەن كەلدىم » دەپ مەلۇم قىلىپ قويۇشۇم ،ئۇلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرۇشۇم ، بىر مۇنچە قوپاللىقلىرىغا چىدىشىم كېرەك ) يۈرۈشۈم ئۇلارنىڭمۇ مېنىڭمۇ جېنىمغا تەگكەن ئىدى .
& S/ O6 r6 d% _) O- O" S     دەل شۇ 2011 -يىلىنىڭ كەچكۈز كۈنلىرىدە ( شۇ كۈنى بېيجىڭدا ياغمىغان يامغۇر ياغقان ، ھىسلا ئەمەس ھاۋاسى ئىسىمدە قاپتىكەن )  ئاپام يېغلاپ تېلىفون قىپتۇ . بىر ھەپتە تۇرالىسىڭىزمۇ ھېساب ، ئۆيگە بىر كېلىڭ بالام دەپ .6 g+ g! U: f& O, q0 I: z
  باردىم . ۋاي بىچارە ئاپام . شۇ مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن مېنىڭ غېمىمنى قىلىپ .  ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ياغلىقى تۈپەيلى خار بوپ قالمىسۇن ، ياغلىقىنىڭ قەدىرىنى قىلىدىغان بىرىنىڭ قولىغا ئۆتسۇن دەپ لايىق تېپىپتىكەن ماڭا  . 1 u  A# X0 v) W+ r. c' D) Q  f
    توي دىگەننى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن شۇنچە يىللارغىچە ،خۇددى مەن مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغاندەك  ھېس قىلىپ .( O- K7 f7 P8 x$ x
  كاللامدا تۈتۈن چېقىلدى . ئۇ ئادەمگە ياتلىق بولايمۇ بولمايمۇ ئەمەس  ، ياتلىق بولامدىم بولامدىم بولمامدىم ؟ ياتلىق بولغاندىكىن قانداق قىلىمەن ، قانداق ئايال بولىمەن ، قانداق ئانا  بولىمەن ؟دەپ بولمامدۇ
  I  ^1 ]8 [& {- D& p   ياتلىق بولۇش خىيالىمدا بولمىغىنى بىلەن بالىلارغا بەك ئامراق ئىدىم ،ھەم بالىلارنى تەربىيلەش توغرىلىق شۇنداق جېق كىتاب ئوقۇپتىكەنمەن  كەلگۈسىدە بالام بولسا ......دەپ  . ئەمدىلىكتە  ياتلىق بولۇش يېشىغا كېلىپ ئۆتۈپ كەتكەندە ئايال بولۇش توغرۇلۇق ھېچنىمە  بىلمەيدىغىنىم ئېسىمگە چۈشتى . & t9 d& I0 ?7 |
مەيلى كىمگىلا ياتلىق بولاي ياخشى بىر ئايال بولۇشۇم ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىم مۇھىمى ئۇنى بەختلىك قىلىشىم كېرەك .
4 z! j- |3 X" i5 `* W' n% v1 u   كۈنلەپ نىمىلەرنى قىلىدىغانلىقىم ،قانداق قىلىدىغانلىقىم توغرىلىق ئويلاندىم ،ئىزدەندىم ، يەڭگىلىرىمدىن سورىدىم . مېنىڭ بۇ قەدەر ئەستايىدىللىقىمغا ھەممىسى كۈلۈشتى ،ۋاي سەۋدا قىز  ، قايسى تەلەيلىكنىڭ قولىغا چۈشەرسىز دەپ . ....   
% u" G9 ~7 h! t7 r8 U2 bئاپامنىڭ ئۇ يىگىتى سەئۇدىدا ئوقۇۋاتقان بالىكەنتۇق .بىچارە ئاپام ئۇياقنىڭ سەئۇدىدا ئىكەنلىكىدىنلا شۇنچىلىك خوش بولۇپ (سەئۇدىدا تۇرىۋاتقان بولسىلا  بەك تەقۋا ،ئۇلۇغ ھېسابلىنىدىكەن چوڭلارنىڭ نەزەرىدە ) ، گەرچە بىر ئۆمۈر ۋەتەنگە قايتالمايدىغان ،مېنىمۇ ھەم بەلكىم بىر ئۆمۈر كۆرەلمەيدىغان بولسىمۇ ھىجابىم بىلەن (توغرىسى ئىمانىم بىلەن ) ياشىيالىسۇن دەپلا مېنى قوش قوللاپ سۇنۇپتۇ ئۇ بالىغا  . 2 G7 q" e) `0 A
ئۇ ياق تېلىفون قىلدى شۇنداق قىپ .
5 x; Y: z" p/ P8 C, S& T/ j   مەن چىرايىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ، تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان بىر ئەرتېلىفوندا ھەدەپ سۆزلەۋاتىدۇ  . يېنىمدا ئاپام ئولتۇرىدۇ مېنى خاتا  گەپ قىپ قويۇپ ئۇ ياقنى قاچۇرۇپ قويامدىكىن دەپ .* U5 ], b1 K  ?
مەن ئىزا -نومۇستىن ئۆلىۋاتىمەن . نورمال يوسۇندا ئوغۇللار بىلەن پارڭلىشىش باشقا  گەپكەن ، بۇ باشقا بىر گەپكەن .
% d0 {5 r; ?; i  P2 ]! o  قارىھاجىم گەپكە ئاجايىپ ئۇستا ئىدى . ئۆزىنىڭ مەكتەپ تەربىيىسى كۆرۈپ باقمىغانلىقى ، ئەمما كىچىكىدىن دىنىي تەربىيىنى ياخشى ئالغانلىقى ، قىرائىتىنىڭ ئېسىللىقى ، قىرائىتى ئېسىل بولغاچقا ئىسلام داشۆسىدە ئوقۇيالىغانلىقى ...قاتارلىقلارنى سۆزلەيتتى  . كۈنىگە بەش ۋاق نامىزىدىن يېنىپ بەش ۋاق تېلىفون قىلاتتى  . ھاياتىدا مېنىڭدىن باشقا بىر قىزنى ئالىمەن دەپ باقمىغانلىقى (چىرايىمنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تېخى ) مېنىڭ ئاۋازىمدىنلا مېنى شۇنداق ياقتۇرۇپ قالغانلىقى ( ئۆيدە يوغان تېرەكتەك ئىككى ئاكام ۋە بەگ ئىنىم بار  ، ئۇلاردىن نومۇس قىلىپ ئاۋازىمنىمۇ چىقىرالماي يۈرسەم قايسى ئاۋازنى ياخشى كۆرۈپ قالدىكى تاڭ  )  نى دەپ ، گېپىنىڭ ئارىسىغا ئەرەبچە گەپلەرنى قىستۇرۋېلىپ « خاپا  بولماڭ ،مېنىڭ ئەرەبچەم ئۇيغۇرچەمدىن ياخشى » دەپ قوىۇشلىرى     
7 f( i4 {$ s& ~0 D& O' f/ g0 n+ N   كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن بۇ لايىقنى پەقەتلا  ياقتۇرالمىدىم .بۇ 10 نەچچە كۈندە مېنىڭ بىلگىنىم  ناماز ئۆتەش ، تېلىفون قىلىش ، ۋائىزلىق قىلىشتىن باشقا  ھېچقانداق ئىش قىلمىغان ، ئۆزىنىڭ ئەرەبچىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىدىن ياخشى  (25 يېشىدا بېرىپتىكەن بوممىسا ئۇ يەرگىمۇ  يا ئۇ يەردە تۇغۇلماپتىكەن  ) ئىكەنلىكىدىن  پەخىرلەنگەن بۇنداق ئادەمنى كىيىن نىمىش قىلىدىغانلىقى ، قانداق قىلىدىغانلىقىنى ] پەقەت تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم . كۆز ئالدىمغا ھېلىقى« ئۆلۈك جانلار» رومانىدىكى قېرى پومىشچىكلار كەلدى ،،  بەلكىم ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ئاشۇلاردەك ياشىشىم مۇمكىن ئىدى ....  
! \) g8 ^# N$ ~     شۇنداق قىلىپ ھەممە  ئىش  ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ماڭدى . ئاپام مېنىڭ ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىگىنىمگە ئالەمچە خوش  . ئەمما  ئىككى ئاكام ھۇجرامغا سولىنىۋېلىپ بۇقۇلداپ يېغلاپ كېتىشىمدىن بەك بىئارام بولۇشۇپ كېتىشتى . مېنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشەلمەي كوت كوتتتا  خەت يېزىپتۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك چوڭ ئاكام . جېنىم ئۇكام ، كۆڭلىڭىز تارتمىسا بولدى قىلايلى  ،بىز پەقەت بەرداشلىق بىرەلمەيدىكەنمىز يېغلىسڭىز دەپ .& ?+ U, G: }5 j5 _$ _
    نىھايەت  توي بولىدىغان بولدى ، ئوقۇش پۈتتۈرىشىم بىلەن مەن  خەقنىڭ يېنىغا ئۆزەم بېرىپ ، ھاياتىمدا كۆرۈپ باقمىغان مۇشۇ ئادەمگە  ھېچقانداق ئۇرۇغ-تۇغقىنىم ، يۆلەنچۈكۈم يوق ئەھۋالدا ياتلىق بولىدىغان ، نىكاھ ئىنتىرنىتتىن ئوقۇلىدىغان بولدى .
0 j: w$ C/ Y3 {9 h, E' N    مەكتەپكە كەلدىم رۇخسىتىمنىڭ ۋاقتى توشۇپ . بۇ مەزگىللەردە خېلىلا  زىلۋالىشىپ قالغان چېغىم ھەممەيلەن سورىشىپ كەتتى  نىمە  ھۈنەر ئىشلەتتىڭ ھوي دېيىشىپ  ،ھۇ تاياق قېپى ئايپاتەملەر 9 B. u6 {& }& U9 |' C5 z# [
   شۇنىڭ بىلەن دەپ بەردىم . ئاۋۋال ئىسمىنى يوشۇرۇپ .
% X. b% x  r1 A     دەسلەپتە ياخشى بوپتۇ دېيىشتى . كىيىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئىسمىنى دەپ بەرسەم قېتىپ قاپتۇ بۇ ياغلىقباشلار قوشۇنى . ۋاي سىز قالغانمىتىڭىزدېمىگەن ، قولىدا پاسپورتى بار ياغلىقلىق قىزلارنىڭ ھەممسىگە دەپ باقىدىغان قارىمكىنا  ئۇ .....&^%%$# ' @' l6 q3 m- ?
     ھاجىمنىڭ ھېچنىمىسىنى ياقتۇرمىساممۇ خېلى تەقۋا دەپ بىلەتتىم . شۇنچىۋالا ئوقۇغاندىكىن زامانىمىزدىكى ئالدامچى يىگىتلەر قىلىدىغان تېتىقسىزلىقنى ئىلمىيلاشتۇرىدۇ دەپ خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەيتتىم . دىننى ھەقىقى ئوقۇغان ،چۈشەنگەن ، تەقۋا ئادەم بولسا   ئىبادەتنىڭ داۋراڭ ۋە ھەشەم ئۈچۈن ئەمەس ئاللاھ  ئۈچۈنلا  ئىكەنلىكى ،پەقەت ئاشۇ ئادەم ئۆزى خالاپ ئۆزى بىلىپ قىلىنىدىغانلىقى ، دىنىمىزنىڭ بولسا بىر تۈرلۈك ياشاش ئۇسۇلى ئىكەنلىكى ، كۈندىلىك ھاياتىمىزدىكى ھەر ئىشىمىزغا ،ھەر ئادەمگە قىلغان مۇئامىلىلىرىمىزگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتى .# w" O3 ?9 u0 I7 U5 \
   ھاجىمنىڭ ھەدىسلەرنى «ئوقۇغان » لىقىنى بىلدىم . قالغىنى ئۆزىگە ئايان ئىدى . ئېھ ئاللاھىم ، ئادەم بولۇش  شۇنچىلىك تەس ، مۇسۇلمان بولۇش ئۇنىڭدىنمۇ تەسكەن . مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن ئادەم بولۇپ ياشاشقا  نىسپ قىلغايلا  . ئىبادەت ۋە  ياشامىمنى سىلىنىڭ يوللىرى ئۈچۈنلا  قىلدۇرغايلا   . شەيتاندىن ساقلىغايلا دەپ دۇئا قىلدىم .

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 15:11:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى شۇنداق قىلىپ .
, T* G- a6 N% o1 a  ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى بولغاچقا  ئىشلار جېقلاپ كېتىۋاتاتتى ، پىراكتىكا  ، رۇس تىلىنىڭ كەسپىي 8-دەرىجىلىك ئىمتاھانى ...ۋاي ۋۇييييي  3 T/ p- h0 D, Y
   ئارلىقتا مەلۇم بىر ۋىزا ۋەكالىتەن بېجىرىش ئورنىدا ئىشلەۋاتاتتىم . ئولتۇرسام فرانسىيە ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان ،مەن ئالىي مەكتەپ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا  بالىسىغا رۇس تىلى ئۆتۈپ بەرگەن خەنزۇ تېلىفون قىپتۇ . دىپلوماتىيە مېنىستىرلىكى قارمىقىدىكى  تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىدىكىلەر  ئاز بولغاندا 3 خىل چەتئەل تىلىنى تولۇق بىلىدىغان ، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى ياخشى ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر پراكتىكانت ئالىدىكەن بېرىپ سىناپ باق دەپ . 0 h3 W2 R; I" v+ _
    شۇنىڭ بىلەن سىناپ باقىدىغان بولدۇم . ئۇچامدا كاستيۇم -ئۇزۇن يوپكا  ، قارا ياغلىقىمنى ئاق ياقىلىق كۆينەككە ماسلاشتۇرۇپ ، قىياپىتىمدىن مەمنۇن بولغاندىن كىيىن يوڭئەنلىدىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىناسىغا كەلدىم .+ S: \+ e: \2 ]% w! y7 ^( a' ~2 _
   كەلگەن ئادەم جېق ئەمەس ئىدى ،لېكىن ھەممىسى ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغان ،ھەقىقەتەن ئىقتىدارى بار  ،ئۇنۋانى يۇقىرى يولداشلاركەن . مېنىڭ تولۇق كۇرسنى ئەمدى پۈتتۈرمەكچى بولغىنىمنى بىلىشىپ ھىمم دەپ قويۇشتى . مەنمۇ سەل ئۈمۈدسىزلەنگەندەك بولدۇم . ۋاي بوپتۇلا ، ئالەمچە ئىش بولامتى بۇ خىزمەتكە  ئېرىشمىسەم  ئۆلەمتىم تازىمۇ بىر ..جىددىيلەشسەملا مۇشۇنداق ئۆزۈمگە غوتۇلداپ جىددىيلىكىمنى پەسەيتەتتىم  .   
( V1 \) u; r& d0 P8 i   شۇنداق قىلىپ مەن كىردىم . ھې ھې ھې ھې  ....
2 y* \" e% t4 b$ w/ I  z' h. xئىنىمنىڭ ئۆلسەڭمۇ ھىجىيىپ ئۆلىسەن دېگىنىدەك ھېجاراپ كىرىپتىمەن . ھېجىيشلىرىمغا قاراپ خەقمۇ ھىجايدى ، ئەمما مەن قول كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتمىدىم ۋە ئاۋۋل ئۆزەمنىڭ پەرقلىق بىر ئىنسان ئىكەنلىكىمنى ، مەدىنىيتىمنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆزەمنى تونۇشتۇردۇم . 4 }7 p- w0 ], R& @# W& }) i5 p) G1 [- w
  تاغدىن -باغدىن بىر قانچە سوئال سورالدى . قايتتۇق .  كىيىن مەن ئېرىشىپتىمەن بۇ ئىشقا  .
5 B. e/ ]8 G8 v  G* n9 M- h     ئىشلەۋاتىمەن ، ئوقۇۋاتىمەن . ياغلىقباشلار قوشۇنىمىزغا قېتىلىپ بولالمىدىم ، كۆرۈشۈپمۇ بولالمىدىم . كۆرۈشسەكمۇ شۇ ئوخشاش تېمىدا مۇزاكىرىلىشىدۇ ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن نىمىش قىلىمىز  ، قانداق قىلىمىز  ...ۋەھاكازالار .  مېنىڭ كاللامدا يوقمۇ ئەمەس  بار  . ئەمما  ۋاقتى -سائىتى كەلمىگەن بىر ئىشنى قانداقمۇ مۇزاكىرىلىشەلەيتتىم . بەزى ھەمشىرىلىرىم ياتلىق بولۇپ ئۆيدە ئولتۇرۇشقا بەكرەك تەييارلىق كۆرۈشۈپ تورلاردا تونۇشۇپ يۈردى بالىلار بىلەن . بەزىدە ئاشۇ بالىلارنىڭ پاراڭ خاتىرىسىنى شۇنداق ئوقۇپ باققۇم كەپ كېتىدۇ ، قانداق قىلىپ تونۇمايدىغان بىرى بىلەن تونۇشۇپ ،تەرەققى قىلىپ ،،،،كەتكىلى بولىدىكىنە  . + T! U6 C; ~8 o0 X1 f6 Q' b
   مېنىڭ يا ھەدەم يوقكەن . ئاللاھىم يوغان تېرەكتەك بەستى بار ، بەستىگە چۇشلۇق ھەيۋىسى بار ئىككى ئاكىنى ، ئارانلا قىلسا توردا بولسام توردىن ، توردا بولمىسام مەھەللىدە ئارقامدىن ماراپ نىمىش قىلدىم ، نەگە باردىم ..سوراق قىپ تۇرىدىغان بىر ئىنى بېرىپتىكەن  . يا بۇ خىل ئىشلارنى ئۇلاردىن سورىغىلى بولمىغان ، قانداق قىلسا يىگىتلەر بىلەن چىقىشىپ قالغىلى بولىدۇ دەپ . ! G, f0 ]& }" r+ m1 Q0 N# A$ V

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 15:15:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات داۋام قىلىۋاتىدۇ . كۈز كېتىپ قىش كەلدى . تەتىلدە ئۆيگە قايتتىم ....8 v# `5 R- N2 h) t3 R' o6 ^6 L! z
.  
+ W9 Q/ f$ M% m0 X! w& Q- uئاكامنىڭ بىر قانچە دوستى كوت كوت نومۇرۇمنى قوشىۋېلىشپتۇ . شۇنداق ئىلمىي ، سىلىق پاراڭلاشتۇق .   ھەر ئادەمنىڭ ئىش -ئەمەلى ئۆزىگە  دىگەن بويىچە ئاكام ئۆزىنىڭ ئىبادەتلىرىنى ياخشى قىپ ماڭغان بىلەن دوستلىرى ئۇنداقمۇ ئەمەسكەن .  بەزى ئادەملەر ئۆزىدە يوق سۈپەتنى تەلەپ قىلىدىكەن قىزلاردىن تېخى .   قاملاشمىغان ئاشۇ .  ۋاي -ۋۇي  ، نىمە  كەپتۇ ئالدىراپ ، ئولتۇرۇپ قالمىسام مەن يا ...0 c! D, u' U8 y! }4 N  N# W  }. x1 U
ئىشقىلىپ ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق ، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق .
% A, y. \" V# O( v   ئۈرۈمچىدە بەك ياخشى ئۆتىشىدىغان ئاچا ئاغىنىلىرىم بار ئىدى . ئۈرۈمچىگە چۈشسەملا شۇلارنىڭكىگە چۈشۈپ ھال-مۇڭ بولىشاتتۇق . نىمە  كېسەل يۇقۇشتىكىن بۇلارمۇ ھەدەپ قۇلىقىمنى تولغاپ لايىق تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى .  
: ]# D3 B4 s  Y( K2 X) C6 |. k  ئۇ يىلى نىم بولدىكىن نەگە بارسام توي ،  توي  ...ئۇھ  ، خەقنىڭ ئۆيىگە بارساممۇ ئۆزەمنىڭ ئۆيىگە كەلسەممۇ ، ئىزدىنىشقا  چىقساممۇ تويۇپ كېتىۋاتتىم ئايپاتەم دىگەن نامدىن . . h' M% X9 Q- G( ?7 `5 P8 l; G3 S- V
   ھە شۇ ئاچىلىرىم مېنىڭ ئۈرۈمچىدە قېلىشىمنى بەك ئارزۇ قىلىشاتتى  . شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە نامزات تېپىشىپتۇ كۆرۈشۈپ باقىسىز دەپ ئورۇنلاشتۇردى .  بىرى ئۇيغۇر سوفتتا  ، بىرى قارلۇقتا  ، يەنە بىرى بانكىدا ئىشلەيدىغان بالىكەن .   
2 b0 {7 f7 R* fنىمە  تېتىقسىزلىق بۇ . ئويلىغانسىرى جېنىم چىقىپ كېتىۋاتتى   . نومۇسۇم كېلەتتى  . بىر تۇرۇپ قىزلىق سەبىيلىك تۇيغۇمنىڭ بۇنداق دەپسەندە بوپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايۋاتتىم  . بۇ خىل كۆرۈشۈشلەر ماڭا سودىدەكلا  تۇيۇلىۋاتاتتى . 6 Q' M7 e  V' z1 \- Q
  خىيالىمدا تەسەۋۋۇر قىلاتتىم . يىگىت كىلىدۇ ، مەن ۋە ئۇ ئۇدۇل -ئۇدۇل ئولتۇرىشىمىز . تاغدىن باغدىن گەپ ساتىمىز  . ئاندىن نەسەب ئۇ-بۇغا ئۆتىمىز  ، توي توغرىلىق ، تويلۇق توغرىلىق  ، ئۆي ،توغرىلىق پاراڭلىشىمىز  ....   ۋاي ئانامەي ....( ]* x: _: {- r! U) d$ o
    كۆرۈشۈشتە چوقۇم قېچىپ كېتىدىغىنىمغا ئىشىنەتتىم .
: H/ W$ H$ g6 ?% n   بانكىدا ئىشلەيدىغان بالا  غۇلجىلىقكەن . ئادەتتە ۋىتىلداپ سېغىزخاندەك تۇرغىنىم بىلەن ناتونۇش بىر كىم بىلەن تۇنجى قېتىم بىر يەردە ئولتۇرۇپ «يوغانننننن » بىر تېمىدا پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىم  ئۈچۈن جىددىيلىشىپ ، قىزىرىپ ، قولۇمدىكى قەغەزنى نەچچە قاتلاپ ، نەچچە يىرتىپ ....) q" i, z0 |# N# [+ o  s
ئاخىرى مەن قول يۇيۇش ئۆيىگە چىقىپ كىرەي دەپ .....
. p" `& N. E: ^3 h& |+ H+ @   شۇنداق قىلىپ ئۇ بالا  قالدى ئاشخانىدا  . مەن قېچىپ كەتتىم  . خەپ ئاشۇ . كۆرۈشمەيمەن دېسەم كۆرۈشتۈرۈپ ئەدەمنى
- T5 ?* d. h$ @1 Z' ?+ E

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 15:17:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ بالىنىڭ ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ ئىچچىگە قاراپ ،خۇددى بىر نەرسىنى بىلمەكچى بولغاندەك سىنچىلاشلىرى ، ۋە «سىز نىمىدەپ ياغلىق چىگىپ قالغان » دىگەن سوئالى جېنىمغا تەگدى توغرىسى .4 R7 H0 H8 E- L  P8 o
سىز نىمىدەپ ياغلىق ئارتىپ قالغان ؟
8 T; \  S6 B1 O- e   ئەلۋەتتە ، ئاللاھىم ئورىنىڭلار دەپ بۇيرۇغان  . مەن بۇنى كېچىكىپرەك ھېس قىلدىم ۋە ھېس قىلغان ھامان ئىجرا قىلدىم . ئەسلىدە مۇشۇنچىلىك ئاددىيلا  بىر ئىش  . ماڭا  ئۈرۈمچىدە ياغلىق ئارتىپ يۈرىۋاتقان زورۇلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق نېمىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ھېچ بىلەلمىدىم  . راست يالغان بۈۋىملەرنى ئايرىيالمىغاندىكىن «ئەقلى -ئىقتىدارى » كۆرسەتكۈچى بەك يۇقىرى ئەمەس ئوخشايدۇ بۇ بالىنىڭ .   # V  e4 c0 Y0 N# F; |, d' I
      تېلىفون قىلىپ كەچۈرۈپ سوراپ قويدۇم . كەڭ قورساق ، خۇشخۇي بالىكەن ، ئىككىنچى قېتىم ئۇچراپلا  قالسىڭىز  تولۇق بىر تەخسە توخۇنى تازا ئاچچىق قورۇتۇپ پاكپاكىز  يېگۈزىۋېتىمەن جازالاپ دەيدۇ مەنمۇ ماقۇل دېدىم . خۇالىڭدىكى بانكىدا ئىككى ئۇچرىدى ، سالام-سائەت قىلىشتۇق .
, H1 Z0 g, y# A% P5 f9 U" b  ]ئاچچىق قورۇلغان توخۇسىنىمۇ زورلاپ يېگۈزمىدى . ئاداۋەت ساقلاپمۇ يۈرمىدى ، كىيىن نەلەردىندۇر ئادەملەر تورىمنى قوشۇۋاپتۇ . بەزىدە سالام قىپ قويۇشلىرى بار  . ئەمما  ھەمبەھىرلىگەن نەرسىلىرىنى كۆرۈپ بەزىدە قېچىپ كەتكىنىممۇ بوپتىكەنمۇ نىمە  دەپ قالىمەن .مىڭ قۇر خەت قىسقارتىلسۇن ، خەق ھەققىدە مۇشۇنچىلىك دېسەم يېتەر بەس .6 C, r0 e+ V7 O+ q3 O% |2 `

2

تېما

0

دوست

30

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 18:32:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.........

4

تېما

0

دوست

1

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 18:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق...

0

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 19:22:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى  قانداق بولدى شۇنداق قىلىپ ؟ ئاخىرىنىمۇ يىزىڭە،

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 03:39:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىرىماي يازايچۇ ئەزىزلەر  . بۇ ئىشلارنى يازماقمۇ ئاسان ئەمەسكەن  . جاھاندىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى گۈللۈكتىكىدەك ئەمەسلىكى بەك ئېچىنىشلىق بىر ھەقىقەتكەن  . ئەمما  مېنىڭ ئاشۇ ئادەملەرگە يەنىلا  چاپان يېپىپ ئۇلار قەستەن قىلمىدى دېگۈم كەپ كېتىدۇ . ئادەم ھەرگىز  ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئەسلى .0 L" R  j* e1 X5 g. ~7 f* K& I
   كىمنىڭ بىر گېپى بارتى ، ئادەم ئەسكى ئەمەس ، ئەسكى ئادەم ئەمەس .  W6 q# D7 I4 _3 A1 w# R& a6 }6 k
  بۈگۈن يامغۇر بەك قاتتىق ياغدى  . سائەت ئۈچكىچە ئۈگىنىش  قىپتىمەن  ،كىيىن قانداقلا  قىلساممۇ ئۆزەمنى زورلىيالمىدىم  .  يامغۇرنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن  ، يامغۇر ياغسا پەقەت ئولتۇرالمايمەن  ،  شۇنىڭ بىلەن ئاسىيادىكى كافكا  كىتابخانىسىنىڭ يېنىدىكى قەھۋەخانىدا  ئۇزۇن ئولتۇردۇم  دېڭىزغا قارىغاچ  . يۋونئاچام ياخشى كۆرىدىغان ھېلىقى جەزلەرنى قويۇپ چىقتى نەچچە سائەت .  ئاندىن كەچ بوپتۇ .- x  ], a* w* k" a! {% Y2 B6 f" x
  خەيرلىك ئاخشاملار/ ^5 N: h- R( ?- L) E3 u. Z) {( m
   

1

تېما

0

دوست

4

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىغا قاراپ قالدۇق ئەمىسە.

13

تېما

0

دوست

153

جۇغلانما

تىكەن

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 11:54:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاي--سىز
+ b5 Z* t* O6 x& |7 e$ T% ^: J1 Mدېڭىز ---ھايات
7 C, x% x8 r: t( u: Q0 fكىمە ---تەقدىر ' N, m. r' C  X1 V7 ^! _# ^) W
يولۋاس ---؟؟؟؟؟؟4 O/ q/ i, G3 u- v! n

/ L; ]# @9 r* |ھازىر قىرغاقتىكەنسىز  .
. Q' C  O$ W) x% Nپاي 1  دىكى يولۋاس كۆندۈرۈلگەن يولۋاسكەن  ، لىكىن  پاي 2 دە  ھەقىقىي يولۋاس چىقىشى  مۇمكىن  .& u! M* S1 k% J( P3 [
يولۋاس  كۆندۈرۈشنى  كۆپ مەشىق قىلىڭ .- q$ g" d! A8 n2 E+ Z1 R9 Q) l- O5 g
ئاۋۇ  كىنونى كۆرۈپ بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن .
! }/ U8 U# _( I! G بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   David تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 11:58  : a; K6 S: t+ G- h% A
6 U1 I: m9 A0 W% t! Z- B
ئەزرائىل چۈشلىرىمگە كىرگىن.

2

تېما

0

دوست

8

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 13:49:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
......................ھە  ئېيتىڭە
ئۈمىد - ھاياتنىڭ يىلتىزى

0

تېما

0

دوست

4

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 16:26:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېشىنى يېزىپلاا قاچاي ن دىگەن چېغى بۇ قىزچاق...

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 17:36:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچڭدىكى ئىچىڭدۇر  ، تېشىڭدىكى چاپاندۇر

2

تېما

0

دوست

35

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 19:13:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاپىننى بولسىمۇ يىزىڭە ئەمسە  بۇنداق توختىۋالماي !

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 20:13:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما قىزۋالنى.
This too shall pass

2

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 22:07:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

0

دوست

38

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 22:08:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززې--ق،ھىجاراپ ئولتۇرۇپ ئۇقۇۋاتسام داۋامى يوققۇ ما ھېكايىنىڭ....

2

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 22:10:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   A-man تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 22:11  . p/ r" ~: y" m0 m& ~! o9 r* F

; b* ^! s- F) X

2

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 22:12:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانى كۆرۈپ بوغانلار ئازراق سۆز قىلساڭلار قانداق قارايسىلەر..

0

تېما

0

دوست

7

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 01:00:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزەلدىن مۇشۇنداق ھېكايىسى جىقلارغا ھەۋەس قىلىمەن دېسە. يوقاپ كەتمەي يازسىلا خېنىم.

11

تېما

0

دوست

528

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 07:55:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ھىكايىنىڭ ئاخىرىنى ساقلاۋاتقانلار خېلى باركەنمىز

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 08:58:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nalan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 01:00 ! ]9 P) @& Z2 E8 C9 m: p
ئەزەلدىن مۇشۇنداق ھېكايىسى جىقلارغا ھەۋەس قىلىمەن دېس ...

4 G. `2 s6 R( |7 J! E بەك رىغبەتلەندۈرىۋەتسەك، ھىكايىدىكى رىيال پېرسۇناژلار كېلىپ رىتاگۈلگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمىسۇن ئەمدى دەپ سەل ئەنسىرەپمۇ قالدىم...
This too shall pass

0

تېما

0

دوست

3

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 09:04:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

; C; T: {4 M) `, X: D
4 ?" i- n5 ~3 ?: c( z# i8 D) y$ X" V4 _    كۆپ  قىزلاردا  لايىق  تونۇشتۇرۇشقا  قارشىلىق  باركەن ،،، ئۇلار  تەبئىي  تونۇشۇشنى  بەك  ئۇلۇغ  بىلىدىكەن

3

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 09:24:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۆچرەت ئېپ قوياي. ( b  x$ s5 H5 I. }8 @
ھېكايە بۇ يەرگە يىزىلدى، ئاخىرى چۇقۇم بەك گۈزەل.
4 k/ P) ^+ K  q! [; p3 H2 n* zھايات داۋام ئېتىيور دىگەن بۇ گەپ بەك ياخشى گەپكەن.

2

تېما

0

دوست

30

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 00:05:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرگە تەگكەن يېرى بەك قىزىققكەن...

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 02:42:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمەتىمىز  خېلى چوڭ جەمەتتى  ، شۇنداق بولىشىغا باقماي قىز نەۋرىلەر ئاجايىپ ئاز ئىدى  . 23 نەۋرىنىڭ ئارىسىدا تاس تاماس قاپتىكەنمەن  يالغۇز قىز  نەۋرە بوپ قالغىلى  ، مەن تۇغۇلۇپ  13 يىلدىن كىيىن بىر ھاممام قىز تۇغدى  ئاندىن ئۆزەمنى سەل پەل ياخشى ھېس قىلغان  ئىدىم .( @2 b) i  _( X$ g' l
شۇنىڭ تەسىرىدىنمىكىن كىچىكىمدىن ئوغۇللار بىلەنلا  ئويناپ چوڭ بوپتىكەنمەن  .    شۇڭا  ئوغۇللار بىلەن شۇنداق نورمال پاراڭلىشالايتتىم .مېنىڭ تۇنجى ئەڭ يېقىن قىزدوستۇم بىلەنمۇ تولۇق ئوتتۇرىدا تونۇشقان ئىدىم  ." E* k) e5 }2 V
  دەل شۇ مىجەزىم تۈپەيلى ئىككى يىللىق تەييارلىق ئوقۇش جەريانىمدا  بىر مۇنچە  ئۇششاق -چۈششەك گەپلەرگە قالدىم  . كىتابلاردا ئوقۇۋالغان ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ خارەكتىرلىرى پەرقلىق بولىدۇ ...دېگەننى شۇيەردە  كۆردۈم  ، ھەم دەل شۇ ئوچۇق -يورۇق مىجەزىم باشقىلار تەرىپىدىن خاتا  شەرھىلىنىپ  ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى پىشانەمدە ئېرىمەيدىغان داغقا  سەۋەب بولغان  ئىدى .. 5 كىشىلىك ياتاقتا  3 قەشقەرلىك بارتى  يەنە  كېلىپ شەھەر ئىچىدىن . ،بىرى قازاق  پەرى ،بىرى مەن  .
& S2 y3 D: u- P1 j+ V3 K2 v نەچچە ئاي ئۆتمەيلا  پەرى ئىككىمىز  ئوبدانلا ئاسسىمىلاتسىيە  بولدۇق . تېلىفوننى ئەسسالام  دەپ بىر ئېلىشنى باشلىۋەتسەك قېپ قالغان گەپلىرىمىز  نەق قەشقەر شەھەر ئىچىلىكنىڭ ئۆزى  .
# ?2 i6 c$ g5 C' B% v, r9 W6 A   بۇ قىزلار  ئۆز ئىشلىرىغا ئاجايىپ پۇختا  ئىدى  . ئۇلارنىڭ قائىدە -يوسۇنلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىمىزنى  ھېچ تەربىيە  كۆرمەپتىكەنمەنمىز دەپ نومۇسمۇ قىپ كېتەتتۇق پەرى ئىككىمىز . ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمىزدىن يوغان بىر ئەركەكتەك ھېس قىلىشىپ ئۆزىنى تارتىپ كېتىدىغان بولسا  نىمانچىلا  قىلىدىغاندۇ دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم .   ئەمما  ئاخشىمى  كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپلا  ئوغۇللار ھەققىدىكى پاراڭنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن باشلاپ ئاخىرىنى  يوتقانغا كىرىۋېلىپ كۇسۇلداپ تۈگىتىشىدىغانلارمۇ مۇشۇ سۆيۈملۈكلەر ئىدى . ۋاي باشقا  پاراڭ قىلىشاممامسە دېسەم  ، توۋا ،ھەي ، قانداق قىز بلا  سەن  ، ئوغۇللارغا ئازراقمۇ قىزىقمامسەن ... دەپ مېنى خېلى شاڭخو قىلىشاتتى  .  ۋاي كىم قىزىقمايدىكەن  ، مانا  مېنىڭ قەلبىمدىكى ئوبراز  دەپ چوڭ ئاكامنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ قويۇپ خېلى كۈلۈشمەك قىلىشاتتۇق  .1 V$ w/ Z4 K0 p- ~- r; [9 r9 v8 O
   تىل تەييارلىق مەركىزىمىزدە ئۇيۇشتۇرۇلغان خىلمۇ -خىل پائالىيەتلەردە قاچانلا قارىسا مەن بارتىم . ئادەم بەك پائالىيەتچان بوپ كەتسە بىز باشقىلارنى تونۇمىغان بىلەن باشقىلار  بىزنى تونۇيدىغان بوپ قالىدىكەن  . ! ]( p3 K; k6 l! T  {9 G
شۇ كۈنلەردە  ياتىقىمىزدىكى ئىككىيلەن  يۇشۇرۇن كۆيۈشنىڭ ئوتىدا تولغىنىۋاتتى  .  مەن مۇھەببەتني كىتابلاردىنلا  چۈشەنگەن بولغاچقا  ئۇ ئىككىسىنىڭ دەردىنى ئانچە ھېس قىپمۇ بولالمايتتىم  ، كۈنلىرىم  ۋالىبول ئويناپ ،كىتاب ئوقۇپ ، شەھەر ئايلىنىپ كەچ بولاتتى . 9 G0 |  ^. }3 A
بىچارىلەر  خېلى دەرت تارتتى ئۇ كۈنلەردە  . يا ئۇ ھاڭۋاقتى يىگىتلەر  ئۇ قىزلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ بولالمىدى  . ' a1 X' Q' }5 O2 T4 @& ?& U7 G

3 k2 Z" t. ?7 E; t& \2 T6 n  w' Z9 X# Q3 Q6 s5 U8 D

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 03:02:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىشقاندەك ئۇ ئىككى ھاڭۋاقتى مېنى ئۆزىگە بەك يېقىن تۇتاتتى  ، كەچلىك مۇزاكىرىدە بىر دەم ئۇنى بىردەم بۇنى باھانە قىلىپ يېنىمدا ئولتۇرىۋالاتتى  . دەسلەپتە ۋاي ساۋاقدېشىمغۇ دەپ نورمال كۆرۈپتىمەن  .
1 B5 J1 q1 U! q' k, ]$ S  تۇغۇلغان كۈنۈم بولغان ئاشۇ كۈنى دۇمباق يېرىلدى  . (كىچىكىمدىن تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئالاھىدە ئۆتكۈزۈپ كەتمەيتتىم ) ، ئۇ كۈنىمۇ ئالاھىدە ھېس قىلمىدىم  .
6 n9 L' x2 N3 l: H. |, _: vياتاقتىكى سۆيۈملۈكلەر  پولغا بىر ئوبدان  ئەدىياللارنى سېلىپ ، نازۇ-نېمەتلەرنى تىزىپ ، جوزىلارغا قىپقىزىل شاملارنى تىزىپ تەييارلىۋېتىشىپتۇ  .
1 }' d6 g$ W) s6 B# M: p3 ]شۇنچىلىك تەسىرلەندىم  . ھەم تا ھازىرغىچە ئۇنۇتالمىدىم ئاشۇ كۈندىكى مېھىرلىك ئولتۇرۇشلىرىمىزنى  .
; r4 Y+ K% r; V4 n: k8 y( i  بىر مۇنچە كونا-يېڭى دوستلار تېلىفون قىلىشتى  .: y& V; N3 C; X. e1 h( L
   كىيىن  ئۇ ئىككى ھاڭۋاقتى  ئالدى -كەينى بولۇپ ياتاق بىنارىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇشۇپ كېتىپتۇ . ۋاي مەن چىقالمايمەن  دېسەم مۇشۇ يامغۇردا تۇرغىنىمىز  تۇرغان  ( جەنۇبى جوڭگۇنىڭ ھاۋاسى ،قىشتا قىش  يامغۇى ،كۈزدە كۈز يامغۇرى ) دەپ بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ يامغۇرغا چىلىنىشىپ تۇرىۋەردى ،  قىزغىن كەيپىياتىمىزمۇ سۇغا چىلىىشپلا  قالدى  ، پەرى ماڭا ، مەن پەرىگە قارايتتۇق  . قىزلارمۇ ئىغىر سۈكۈتتە  ، سۈكۈتتە ئەمەس  ، سۈكۈت ئىلكىدىكى غەزەپتە  .  & X0 D- U2 R7 B: J3 O, {& w
    دېرىزىدىن پەسكە قارىدىم ، ئىككى قەھرىمان شىددەتلىك يامغۇرغا پىسەنت قىلماي دۇڭ سۈنرۈيچە پىداكارلىق كۆرسەتمەكتە ، ! E) V* C6 P4 [: M+ Q

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 03:18:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى بولماي پەسكە چۈشۈپ ئۇلارنىڭ قولىدىكىنى يۇلۇپ ئالدىم ۋە چالا-پۇچۇق رەھمەت ئېيتىپ ياتاقىمغا قاراپ ئۇچتۇم  .
8 q1 _! H1 l- w8 {7 ?قىزلار ئاللىقاچان ئۇخلايمىز دەپ يوتقانلىرىغا كىرىۋالغانكەن  ، دېمەك ئۇلار بىلەن مۇشۇنداقلا  تۈگەشتۇق . مەنمۇ مۇشۇنىڭ بىلەنلا تۈگەشتۇق دەپ ئويلىغانكەنمەن  چوتنى تەتۈر سوقۇپ .
, |4 u) f" D5 G   ئەمما  ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئىككى  سوقۇشقاق خوراز  راۋرۇس بىر مەيدان دوئىلغا چۈشۈپتۇ قىزلار  ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا . ; z% v) _& I0 Q/ r/ x
ئۇ كۈندىكى ۋەقەنى خېلى جېق بالىلار كۆرۈپتىكەن . تەييارلىق ئوقۇشتىكى بىكارچىلىق تۈپەيلى ئولتۇرۇپ غەيۋەت قىلىدىغانلار  جېقلاپ كەتكەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرى ئون بولۇپ ، ئونى يۈز بولۇپ ....( b& j6 I) O0 `
    مېنىڭ مۇلايىم سۆيۈملۈكلىرىم مېنىڭ بىر قانچە يەردە يىگىتىم بارلىقىغا  گۇۋاھ بولۇپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ  . مەن كۆرسەتكەن ئاكىلىرىمنىڭ سۈرىتى شۇ يىگىتلىرىمنىڭ بارلىقىغا ئىسپاتكەن  .
  u1 ?  Y' @, ~6 A6 b  تونۇمىغان بىر قىزنىڭ ئاغزىدىن ئۆزەم ھەققىدە ئاجايىپ گەپلەرنى ئاڭلىدىمكى  ، مەن ئاجايىپ ھېيلىگەر ، قولۇمدىن ھەرقانداق ئىش  كېلىدىغان تۈلكە جىن ئىكەنمەن  ، ئاۋۇ ئىككسىنىڭمۇ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ ، ئاندىن ئۇ ئىككىسىنى ئۇرۇشقا  سەپ قويۇپتىمىشمەن .
! u1 z( ], |9 s2 N   بۇ گەپلەرنى كۆتۈرەلمىدىم  . قاتتىق ياغقان يامغۇرغا قارىماي مەيدانغا چىقىپ ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ نەچچە سائەت يېغلىدىم  . ئاشۇ كۈنى ئۆپكەمگە سوغۇق ئۆتكۈزىۋالدىم .
6 U. F' A0 }" n) O  شۇ ئاغرىغانچە  ئاغرىپ يېتىپ كەتتىم  ، ئۆپكە ئىششىقى  تەرەققى قىلىپ تۇبىركۇليۇز  بوپتۇدەك  .
6 t1 t6 v, ~' B' Z  مەكتەپتىن ئۇنىمىساممۇ ئۇنىماي كېسەل رۇخسىتى بېرىپ قايتۇرىۋەتتى  .
0 @1 e. K* Y$ x, J9 X   

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 03:33:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ سۆيۈملۈك ئاكىلىرم بار  ، ئۇلارنى سۆيۈملۈك دېسەم ھەقسىزلىق قىلغان بولىمەن  ، كاشكى بۇنىڭدىنمۇ  ئارتۇق بىر سۈپەتلەش سۆزى بولسا ئىدى .
3 }! [5 G: H5 ]3 e/ \+ Z( ]# ^8 y0 D   مەن كەلگۈچە ھۇجرا ئۆيۈمنى ئاقارتىپ ، تۆت تېمىغا خەرىتىلەرنى چاپلاپ تەييار قىپتۇ  . دورىلارنى ۋاقتىدا يېيىشىم بىلەن بىر ۋاقىتتا  چوقۇم ئەڭ يېڭى تۆگە سۈتى ئىچىشىم كېرەككەن كۈندە  . ئىككى ئاكام نۆۋەت بىلەن  شىخەنزىگە قاتراپ مەخسۇس مەن ئۈچۈن تۆگە سۈتى توشۇپ يۈردى  . يەڭگىلىرىم باچكا شورپىسى قىلىپ بېرەتتى  . بەگ ئىنىم  كۈندە بىر رەت ئىشىكتىن بېشىنى تىقىپ قويۇپ زېرىكتىڭمۇ ، كىتاب ئۇقامسە دەپ سورايتتى  ،  چوڭى 9 ياش كىچىكى ئۈچ ياش ئالتە جىيەنىم  دېرىزە تۈۋىگە كېلىشىۋېلىپ  « چۆچەك ئېيتىپ بېرىڭە  ئاپپاق ئاپا »   دەپ ،،،مېنى زېرىكتۈرمەيتتى  . 6 V$ Q8 \; m& Y% _' u+ B
  شۇنداق قىلىپ ئۇ ۋەقەىنى ئويلاۋېرىپ ،ئويلاۋېرىپ ،،،، ئالتە ئاي ، ئالتە ئايغا كېسىلى ساقايماپتۇ دەپ  يەنە  ئالتە ئاي يېتىپ داۋالىنىپ   ، داۋالىنىش جەريانىدا  مەن بىلەن تەڭ ، مەندىن كىچىك نەچچىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ....ھاياتىمىزدا بەك ئالەمشۇمۇل ھېسابلاپ كەتكەن نۇرغۇن نەرسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچنىمە  ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىپ قالدىم .
$ R: ^5 Z! a" q' T" J: p" f    ھامان بىر كۈنى مۇشۇنداق ئۆلىدىكەنمىز  ، ئۆلۈم چوڭ -كىچىككە  باقمايدىكەن  . بۇنداق دەبدەبىلىك گەپلەرنى كىتابتا  ئوقۇسا باشقىچە  ھېس قىلسا باشقىچە ئىكەن  . & B. @3 [; w7 M6 |
   بولدى مېنى ئۆلگىلى  قويۇڭلار ...دەپ ئەسەبىلىشىشلەر  ، تۆھمەت ، غەيۋەتكە  چىدىماسلىقلار  ...، ساۋاقداشلار  ، دوستلار  ،تونۇشلار  ..ھەممىسى ئۆتمۈشكە  ئايلاندى  ، يەنە شۇ مەن  قالدىم  . مېنىڭ ئەتراپىمدا پەرۋانە  بولۇپ ئاپام ،ئاكىلىرىم قالدى  ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىسى كەچمىشكە  ئايلاندى .) J' {3 M0 |5 u2 v  E
   

4

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 03:34:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
matu يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 15:03 , [' @6 [" x6 {$ T  V
رىتا،مەن بىر قىزىق ھىكايە ئېيتىپ بېرەي ھە:4 |# Z0 {( z0 N6 X6 M. ~
بۇرۇن بىر قى ...
0 o) f, B( g7 T( m
مەتوكا  ، ھېكايىڭىز نىمانچە مەتو
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-7-25 20:52 , Processed in 0.244516 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش