تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 1762|ئىنكاس: 15

ئىككى قۇلاقلىق قازان(پوينتقا بېغىشلايمەن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 13:54:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نېرۋانا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-2-3 13:33  
) F" C6 m  q2 {# ?' B
; ^' C4 v  l  f7 J" z3 _" {  پويىنت بىلەن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تونۇشۇپ قالغانمۇ بولدۇق، مەن شۇنداق قارايمەن. ئۇ ھېكايە يازدىغىنمنى مەندىن ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھېكايىلىرىمنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى، شۇنىڭ بۇرۇن يازغان ھېكايلىرىمنى ئۇنىڭغا يوللاپ بېرىشىنى لايىق كۆرمىدىم.يېقىندىن بېرى ھېكايە يېزىشقا ۋاقىت چىقمايۋاتاتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىر ھېكايە يېزىپ ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولدۇم. ھېكايە ئۇنىڭ مىكروخەت بوشلۇقىدىكى «ھازىر ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى يوق»دىگەن يازمىسىنى مەنبە قىلىپ، ئۇنىڭغا «ئىككى قۇلاقلىق قازان»نىڭ بارلىقىغا بىردەملىك بولسىمۇ ئىشەندۈرۈشكە كۆزۈم يېتىدىغانلىقى سەۋەب بولدى.
, U7 ~. |! E" C. `, O  j1 O/ }" @3 T4 C  X7 ^# q
ئىككى قۇلاقلىق قازان% e6 x9 M- m+ u# g/ E
  9 t% b2 d! v+ H; I
  
3 F1 J/ S: @  `  سىز ئازىراق دېمىڭىزنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، يىرىم خالتا قوناقنى يەنە كۆتۈرۈپ شەرققە قاراپ ماڭدىڭىز، ئاتمىش كىلومىتىر يولنى بېسىپ ئۆيگە قايتىىپ ،كۆرمىگىلى بىر ئاي بولغان ياش ئايالىڭىزنى كۆرگەن چېغىڭىزدا، ئۆشنىڭىزدىكى قوناق يەرگە چۈشتى، سىز ئايالىڭىزنى قۇچاقلاپ تەلۋىلەرچە سۆيۈپ كەتتىڭىز، ئۇنىڭ:- ئاستىراق، بالىلار ئاڭلاپ قالىدۇ. دېگەن سۆزلىرى قۇلىقىڭىزغا كىرىپ چىقمايتتى، سىز ئايالىڭىزنى كۆتۈرگىنىڭىزچە، قازناق ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، قوي يۇڭى ئۈستىگە باسىتىڭىز .., i( T0 N) U( ]. d8 I; u
  ئىشنى تۈگىتىپ بوشاشقان چېغىڭىزدا ئۇنى سۆيۈپ قويۇپ، ئىتتىكلا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ كەتتىڭىز،دە.قازناق ئىچىدىكى ھىجىردىن بىر نوگايدا سۇنى ئېلىپ، گۈپۈلدىتىپ ئىچتىڭىز، يەنە بىر چۆمۈچ ئىچكەندە سۇ ئىككى جاۋغىيىڭىزدىن ئېقىپ كانىۋا كۆينىكىڭىزگە ئېقىپ كېتىۋاتاتتى، سىز سۇنى ئىچىپ بولۇپ، نوگاينى قولىڭىزدا تۇتقىنىڭىزچە مومامغا قاراپ كۆزلىرىڭىزدىن ياش ئاققىنىچە كۈلۈپ كەتتىڭىز . سىز يولبوي سۇ ئىچمىگەچكە شۇنداق ئۇسساپ كەتكەن ئىدىڭىز. مومام ئىتتىكلا تامبلىنى كېيىپ، كۆڭلىكىنى باسۇرىۋالدى.سىز ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۆيگە كىرىپ بالىلارنى كۆرۈپ ئۇلارنى ئويغاتقاندىن كېيىن،  ئۇلارنى باغرىڭىزغا بېسىپ، قېنىپ پۇرىۋالغاندىن كېيىن يەنە كوممۇنا مەيدانىغا قايتماقچى بولدىڭىز.مومام ئىشىكتە قېلىپ، سىزگە قېيمىغان ھالدا ئۆيدە قېلىپ قالدى،سىز ئۆيدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي. مەھەللىدىكى ئۆستەڭنىڭ مۇزدەك سۈيىدە يۇيۇنىۋالغاندىن كېيىن، بەدىنىڭىزنى قۇرۇشىنى كۈتمەيلا كېيمىڭىزنى كېيىپ ئاتمىش كېلومىتر يولنى بېسىپ كوممۇنانىڭ دېھقانچىلىق مەيدىانىغا بېرىپ، ئورنىڭىزغا كىرىپ ئۇخلىدىڭىز.
0 Q/ h# Q+ W" s8 v/ B" P% Gسىز شۇنداق قىلىپ بىر ئاي ئۇدا 120 كېلومتىر يولنى كۈندە كەچتە بېسىپ ئۆيگە ھېلىقى خالتىڭىزدا قوناق توشۇدىڭىز. بىر سەرەڭگە قېپىدا بېرىلىدىغان قوناق ئۇنىغا ئۆسۈۋاتقان بالىلار تويمايتتى،چوڭ ئوغلىڭىز دىلنىڭ ئورۇقلاپ بىر ئۇستىخان بولۇپ كەتكەن ۋاقتىنى كۆرۈپ ئىچىڭىز سېرىلىپ كەتكەن چاغدا سىز كۆزىڭىزنى يۇمدىڭىز.
/ R+ p: `/ b/ G7 Oجىمسىم پارىژنىڭ دېڭىز بويىدىكى قەھۋەخانىدا تۇرغاندا، خىيالىم سىزگە ئەگىشىپ ئەللىك يىل بۇرۇنقى ئاتۇش كاتتا يايلاقنىڭ كوچىسىدا دادىڭىزنىڭ چىلان تورۇق ئېتىنىڭ مەھەللىگە كىرىشنى ساقلاپ تۇراتتى...
$ R8 c: g) j) ?  دادىڭىز ئۆزىنىڭ چىلان تورۇق ئېتىغا مىنىپ مەھەللىگە كىرىشگە سىز ئۇنىڭ ئېتىنىڭ تۇياق ئاۋازىدىن بىلىۋىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىققاتتىڭىز. ئۇ سىزنى ئېتىنى توختاتماي تۇرۇپلا يەردىن لىككىدە كۆتۈرۈپ ئالاتتى دە بېلىدىكى پوتىسىغا ئورۇۋالغان باراۋەت مەشرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن يوغان قوينىڭ قارا گۆشىنى سىزگە بېرەتتى.سىز قېرىغان چېغىڭىزدا ھەر قېتىم گۆش يېگەن چېغىڭىزدا ئاشۇ قارا گۆشنىڭ تەمنى ئېسىڭىزگە ئالاتتىڭىز، ئۇزۇن-ئۇزۇن تالالىق گۆشنى تىتىپ-تىتىپ ئالدىرىماي يۇتاتتىڭىز.چىشڭىزغا كىرىپ قېلىپ، چىقمىغان چېغىدا، دادىڭىز ئۆتكۈر پىچقى بىلەن ئۆرۈك ياغىچىدا سىزگە چىش كولىغۇچ ياساپ بېرەتتى.
, `" ^" y% @- b6 u  سىز دادامنىڭ ئورۇقلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، قوناق ئوغرلاشنى داۋاملاشتۇردىڭىز. كۈندۈزلىرى ئىشلەپ چۈشتە ھالىڭىز قالمىغان چاغدا، ئوماچنى ئىچەتتىڭىز، دە ئۇخلايتتىڭىز، كانايدا ئەترەت باشلىقىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، شۆلگىيىڭىزنى قولىڭىز بىلەن ئېتىۋىتىپ، ئالدىرىماي تۇراتتىڭىز، ئاندىن ئېرىقتىكى سۇدا يۈزىڭىزنى يۇيۇۋەتكەندىن كېين يەنە قوناق ئورۇشنى باشلايتتىڭىز، سىز ئۆمرىڭىزدە دېھقانچىلىق قىلىپ باقمىغان تۇرۇپ، باشقا دېھقانلارغا قارىغاندا ئىككى سولنى ئارتۇق ئورۇيتتىڭىز، يېقىندىن بېرى كېچىچە ئۇخلىماي، ئاران-ئاران دىگەندە گۇڭ نومۇرىنى توشىقىزۋاتاتتىڭىز.بۈگۈن قوناقنى ئاپىرىپ قويۇپ كەلدىڭىز، لېكىن قوناقىنى نېمىدە تارتىپ، قانداق پىشۇرۇپ يېششى ھەققىدە بېشىڭىز قاتتى، چۈنكى قاينىتىپ ئىچەي دېسىمۇ، ئۆيدىكى قازاننى پولات تاۋلاش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىپ كەتكەنىدى.شۇ چاغدا قازان يوق دەپ ئەترەت باشلىقى باشلاپ كەلگەن ئادەملەر بىلەن ياقا سىقىشىپ كېتىشتىن ئىككى يىل بۇرۇن ئاپىڭىز سىزگە گۆش پىشۇرۇپ بېرىدىغان بۇ قازاننى ئېلىپ جەنۇبتىن شىمالغا كەلگەندىڭىز. بىر ئايلىق يول سەپىرىدە مۇزات داۋىنىدا ئانىڭىزنىڭ مۇزدا يىقىلىپ كېتىپ، ئالدى بىلەن ئاستا تېيلىپ تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتكەن چېغىدا، سىز ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى ئارغامچىنى ئۇزىتاي دېگەندە، ئۇ تۇتۇۋالغان مۇز سۇنۇپ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىڭىزدىن يۈتۈشى بىلەن سىز جايىڭىزدا تىزلانغىنىڭىزچە ئانا!دەپ يىغلىماقچى بولسىڭىزمۇ، قار كۆچۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن لېۋىڭىزنى چىشلەپ يىغلاپ كەتكەن كەتكەن چېغىڭىزدا، بۇرنىڭىڭىزدىن ئاققان ماڭقىلار كىچىك نوكچا بولۇپ قېتىپ قالاتتى... پومشىچىك دادىڭىزنى ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى مەھەللە سىرتىدىكى توپا تاملىق قورۇنىڭ ئىچىدە ئېتىۋەتكەن چاغدىمۇ مۇشۇنداق لېۋىڭىزنى چىشلەپ يىغلاپ كەتكەنىدىڭىز.0 }) w% o7 d* S& W' {
پارىژغا يات بولغان ئىككىنچى يىغىدا خىيالىم بۇنىڭىدىن ئون يىل بۇرۇنقى مەھەللمىزگە پەرۋاز قىلدى، بىلەمسىز، بوۋا، مەن پارىژغا دەل ئاشۇ بالىلىقىم ئۆتكەن مەھەللەمنى قانچىلىغان ناتونۇشلارنىڭ سايسىنى پاناھىغا ئالىدىغانغا يېتەرلىك يامغۇرغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنىدىم.4 L" U! P: v+ x% H9 {1 ?/ ?8 J/ K
  ئۇ كۈنى مەن ئېنىم بىلەن ۋاللەي ئويناۋاتاتتىم، مەھەللىمىزگە بىر كىچىك ماشىنا كىردى. كېيىن دادام ئۆيىمىزگە تېلىۋىزور ئالغاندىن كېيىن ئۇ ماشىنىنىڭ مىرسىدىس ماشىنا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.بىز ۋاللەينى تاشلاپ ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردۇق.ماشىنا مېڭىپ، بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا توختىغاندا، بىرىنچى بولۇپ خىيالىمغا كەلگىنى بۇ ماشىنىنىڭ ئىشكىم ئالدىدا توختىشى، دوستلىرىمنىڭ ماڭا بىر قانچە كۈن ھەيرانلىق بىلەن قارىشىغا يەتكۈدەك سەۋەب بولاتتى.ماشىنىدىن شوپۇر چۈشۈپ، ئارقا ئىشكىنى ئاچتى، ماشىنىنىڭ ئارقا كوزۇپىنى ئېچىپ ئالا-يېشل،قىزىل-سېرىق كورۇپكىلارنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ بىرىنچى بولۇپ سىزنى سورىدى. سىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىڭىزگە ئون يىل بولغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، تىزلانغۇنىچە سىز ياتقان ھېلىقى ئۆيگە قاراپ تىزلىنىپ يىغلاپ كەتتى.دادام ئۇنى يۆلەپ پېشايۋاننىڭ سۇپىسىغا سېلىنغان كۆرپىگە ئولتۇرغۇزدى، ئۇ كۆرپىدە ئولتۇرماي دادامنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.دادام ئۇنى بەزلەپ كۆرپىدە ئولتۇرغۇزدى، ئۇ كۆرپىدە ئولتۇرۇپ بىر ئاز يىغلاپ بولغاندىن كېيىن، شوپۇرىغا دەپ سوۋغا سالاملارنى سۇپىغا قويدى، ئاندىن دادام بىلەن تىنچلىق سورىشىپ سز ياتقان ئۆيگە كىرىپ چىقتى.ئاندىن دادامنى باشلاپ سىزنىڭ قەبرە بېشىڭىزغا چىقىتى، شۇ چاغدا دادامغا چۈشۈپ كېتشنى تاپىلاپ قويۇپ، شوپۇرىغا بىر نېملەرنى كالدىرلاپ بولۇپ، ئۆزى تۇپراق بېشىدا قالدى. مەن، دادام ۋە ئۇنىڭ شوپۇرى ئۈچەيلەن چۈشۈپ كەتتۇق. ئۇ سىزنىڭ تۇپراق بېشىڭىزدا بىر كېچە تۈنەپ چىقىتى، ئەتىسى سەھەردە مەن ئورنۇمدىن قوپقان چېغىمدا، ئاپام ماڭا ياڭيۇ بىلەن قورۇلغان سەيدىن كىچىك بىر سىركايدا قويۇپ قويغاندىن كېيىن، ئەتكەن چاي بەردى. بۇ ئۆيگە مېھمان كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ئېدى، چۈنكى بىزنىڭ ياڭيۇدا قىزارتىپ قورۇلغان قورۇلغان يېڭى قوۋۇغا گۆشى سېيى ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارغا قويۇلىدىغان ئېسىل سېيىمىز ئېدى.لېكىن ماڭا دائىم ئاشۇ كىچىك سىركايدا ئازغىنە ئېلىپ قوياتتى.چۈنكى ئۇنىڭ كۆپنچىسىنى مېھمانغا يوغان تاۋاقتا قويغاچقا، بىزگە ئاز قالاتتى. مەن ئاچكۆزلۈك بىلەن سەينى يۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، لېۋىم قىرىدا قالغان قىزىل ئاش سۈينى يالىۋەتكەندىن كېيىن- ئاپا ! مۇرابباچۇ ؟! دېدىم.ئاپام مۇراببادىن بىر ئۈچ قوشۇق قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئېلىۋالدى، مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ- جېنىم ئانىكام، بىر قوشۇق  دېگەن چېغىمدا، ئۇ يەنە بىر قوشۇق مۇراببادىن سېلىپ بەردى.
# Y; Z- ]) y- d! V; @& O/ `مەن يېگەن ئۇ گىلاس مۇراببالىرىنى پارىژلىقلارمۇ يەپ باقمىدىغۇ دەيمەن.
6 F1 j- O: ~2 E0 k6 F' G/ Sمېھمان ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي، ئۇ مېھمان شىمالىي جوڭگونىڭ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ ئېسىدە تۇتۇۋالالمىغان بىر يېرىدە، ئۆيدە يەيدىغان نەرسە يوق، ئۆز سىڭلىسىنى تاغلىقلارغا بەش كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتكەن كۈننىڭ ئەتىسى، شىرەم تۇغقىنىنىڭ بىزنىڭ يۇرتتا باشلىق بولغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇنىڭ ئۆينىمۇ سېتىۋتىپ بۇ ياقلارغا چىقىپتكەن.كېلىپ پۇلى تۈگەپ، شىرەم تۇغقىننى تاپالماي، يا باشقا يۇرتداشلىرىنى تاپالماي ئاچلىقتىن ئاغرىپ ئىككى پۇتى ئىشىپ ماڭالماي يىقىلىپ قالغان چېغىدا، سىز ئۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، دادام بېقىپ چوڭ قىلغان ئائىلىمزدىكى بىردىنبىر توخلىنى سېتىپ، ئۇنىڭغا شورپا ئىچكۈزۈپ، بىر ئاي كۈتكەندىن كېيىن ئاندىن كېيىن يەر دەسسەپ ماڭالايدىغان بولغاندا، سىزگە تىزلىنىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتكەن.كېيىن تۇغقىنىنى تېپىپ، بىزنىڭ يۇرتتىن قارغاي توشۇپ سېتىپ بېيىپ كەتكەن چېغىدا، سىزنى بىر يوقلاپ كەلگەنىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دىرىكىمۇ بولمىغان ئېكەن، مەن تۇرغان چېغىمدا، ئۇ ھويلىدا دادام بىلەن تاماكا چەككەچ پاراڭلىشىپ تۇراتتى، ئۇ ھازىر بىر شەھەردە شەھەر باشلىقى بولۇپتۇ.ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى، كىشلەر ئۆلۈپ كەتكەندىلا ئاندىن ھېسداشلىققا ئېرشىدىغان يۇرتىدا، نۇرغۇن كىشلەر ئاچلىقتىن كوچىدا يىقىلىپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنىكەن.7 p0 |8 j* ]- _; C$ z- H' g' t. J

) _4 P; s7 N3 V  u4 L
* k( p& S4 J& |8 o" v- J, I. q& F; k, ^" A. [
9 o+ ]/ ~6 M4 u' ]# ]4 y5 G3 F. ~
داۋاملىشىۋاتىدۇ...
; U" H, Y# b! a- q   

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 06:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قايىل بولدۇم... قازاننىڭ قۇلىقى باركەن، بىراق ئەڭ ئاخىرقى قۇلىقى بار قازاننى سىلەر چېقىۋېتىپسلەر ئەمەسمۇ  

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 13:04:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇللارمۇ نوچى ھېكايە يازالايدۇ

6

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 08:42:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئويلاپ باقسام بۇ بىر رومان بولغىدەك ۋەقەلىك ئىكەن.شىمالدىكى نۇرغۇن ئائىلىلەر جەنۇبتىن شىمالغا كۆچكەندىكى قىسمەتلىرى. خەلق كوممۇنىسى ۋە مەدەنىيەت ئېنقىلابى ۋاقتىدىكى بىمەنىلىك ۋە قارا يۇمۇرنى ئېنچكە ۋە قيىنلىق بىلەن يازالىسا، نادىر ئەسەرلەرنىڭ چىقىدىغىنغا ھەيران قالمايمەن.
) D& s; \2 G$ B- L" m# P نېمىنى قانداق يېزىش مەسلىسى ھازىر بىز سەل قارايدىغان نازۇك مەسىلە.3 c! s/ m( X/ Y  |$ O) z  }) S% ]
تېخىمۇ قىزىقى شۇكى، مېنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىپ بولغاندىن كېينكى ئىچكى پىسخىك تەسۋىرلىرىممۇ بىر ھېكايە بولۇشقا يېتىپ ئاشىدىكەن.
6 q& v/ b. E! ?; q* e7 K  نېمىشقىكىن مەن نازۇك نەرسلەرنى يېزىپ قويغاندەك قورقۇنچ تۇيغۇسى قاپلىۋالدى.

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 09:04:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېرۋانا يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 08:42
' C+ ?' X  R5 ?2 [* T$ }6 k% dئەمدى ئويلاپ باقسام بۇ بىر رومان بولغىدەك ۋەقەلىك ئىكە ...

* j, q: X# {, y! n  @    مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ رادىئاكسىيەلىك بۇلغۇنىشى ھازىرغىچە مەۋجۈت….  

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 09:12:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېرۋانا يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 08:42 3 f, I/ G/ o% l: G  b6 c7 O
ئەمدى ئويلاپ باقسام بۇ بىر رومان بولغىدەك ۋەقەلىك ئىكە ...

  x, I8 J7 j  n% S2 }% |7 {  U  نېمىشقىكىن مەن نازۇك نەرسلەرنى يېزىپ قويغاندەك قورقۇنچ تۇيغۇسى قاپلىۋالدى.( v1 a& _: p! b2 A# P* f- e0 `/ l
---------------) O* t% V4 E5 N8 _/ [
تىلنى تولا ئاڭلاۋەسە ئادەم شۇنداق ئۆزىنىڭ سايىسىدىنمۇ ئۈركۈيدىغان بوپ قالىدىكەن... مەن ئۆزەمنى دەۋاتىمەن
" h- u6 \, j: r. G
- I4 ?0 ?' [8 f. s0 x' u2 aقورقماي يېزىۋېرىڭ، ماڭا بەك قىزىقارلىق تۇيۇلدى بۇ ئەسىرىڭىز...لېكىن پويىنتقا بېغىشلىغىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم، مەيلى ھىكايە ۋەقەلىگى ياكى ئەدەبىياتنى چۈشىنىش ۋە ھوزۇرلىنىش جەھەتتىن بولسۇن، پويىنت بۇ ئېغىر سوۋغاتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمامدىكىن دەيمەن بەك ياش بولغاچقا
+ B+ G$ i: W& G4 L+ G) L
This too shall pass

6

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 11:29:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Tikenqush يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 09:12
; d6 x% y8 a0 \! d; u# C& ]! Aنېمىشقىكىن مەن نازۇك نەرسلەرنى يېزىپ قويغاندەك قورق ...
: j7 k( E" I) }  B. R6 [- q# Q
پويىنت بولمسا، بۇ ھېكايىمۇ بولمايتتى، بىر كۈنلەردە چوڭ بولغاندا چۈشنىپ قالار

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:10:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارىژ دىسىڭىز بىر كۈلكىلىك ئىش ئېسىمگە كەپ قالدى. ئۆتكەن قېتىم پارىژ دىگول ئايرۇپورتتا ،ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ، چېگرىدىن كىرىش زالىدا مېڭىۋېتىپ Coldplayنىڭ شۇنداق پەيزى ناخشىسى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى، يولدا ئاستا ئاڭلاپ ماڭدىم ،ھەتتا چېگرا ئوفىتسېرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقانداىمۇ توختىمىدى، بۇلارنىڭ ناخشىلىرى مېنىڭ تىزىملىكىم بىلەن ئەجەپ ئوخشايدىكەن دەپ ھەيران بولۇپ ماڭدىم،ئاندىن رەسمىيەتلەر تۈگەپ ئاپتوۋۇس ساقلاپ تۇردۇق يەنە بىر زالغا بېرىشقا(دىگول ئايرۇپورتنىڭ لاھىيەلىنىشى پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ لېكىن بۇ باشقا گەپ)، بىر چاغدا ئۆزبەكچە ناخشا چىقىۋاتىدۇ، بىز تالادا، بۇ مۇزىكا زادى نەدىن چىقىۋاتىدۇ دەپ بەكلا ھەيران بولۇپ ئۇ ياق بۇ ياققا قاراپ كېتىپتىمەن، ئاندىن تۇيۇقسىز سومكامدىن چىقىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم، ئەسلى ئايپەدنىڭ مۇزىكا قويغۇچى بېسىلىپ كەتتىمۇ يول بويى مەندىن كەلگەن مۇزىكىلار ئىكەن...
3 v/ A* ^: _: z& C% zئويلىساملا بەك كۈلگۈم كېلىدۇ ئۆزەمنىڭ ئاشۇ قىلمىشىمغا
) d# b/ X; H& [7 ?* u" s5 K3 I4 S% l" p; ]0 M0 Y
مۇناسىۋەتسىز گەپ قوشۇلۇپ قالدى، قېنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
This too shall pass

6

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:29:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نېرۋانا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 12:32  7 o; r; A0 ~3 p8 _* w1 @4 Q6 M
Achilles يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 09:04
$ G6 P' X- J$ f- F) _0 P5 d5 Fمەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ رادىئاكسىيەلىك بۇلغۇنىشى ھ ...
5 M9 C- }/ K8 v2 M; p7 z

4 Q8 w5 V; {( y" vبۇنىڭ تەسىرىدىن بەلكىم يەنە قانچە يىلدا قۇتۇلۇپ بولىمىز بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىش تەس. بىر يىل مەمۇر بوپتىمەن، بەلكىم باشلىقىمنىڭ ياخشلىقىدىنمكىن بۇنى ئىدارىدە بەك ھېس قىلمىغان ئىدىم. لېكىن كەسىپ ئالمىشىپ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەردە مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ رادىئاتسىيلىك بۇلغىنىشنىڭ بەكلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلۋاتىمەن. & @( t3 p! B2 V3 Y2 v
  لۇسفىر ئېفشىنت(شەيتان ئېفىككتى)دەك مەنمۇ تاس قالدىم بۇ سەپكە قېتلىپ كەتكىلى .مۇئەللىم بولغاندىن كېيىن بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى بەك قاتتىق تىللاپ سالدىم.ئاندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە قېتىم تىللىدىم.تىللاپ بولۇپ، نېمىشقا ئۆزۈمنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى ھەققىدە بەك كۆپ ئويلاندىم. توغرا، بىر سائەتلىك دەرسنى شۇنداق جاپا ئىچىدە تەييارلاپ كەلگەنىدىم.،بۇ سائەتتە مارتىن لۇتىر كېڭنىڭ «مېنىڭ ئارزۇيۇم»نى ئۆتكەنىدىم، دەرسكە سىتانفوردنىڭ «ئامىرىكا قار تەنلىكلىرى»تارىخى ئوچۇق دەرسىنىڭ6-ۋە 10دەرسىلىدىكى مەزمۇن بويىچە ۋە ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئويلىغنىمدەك يەتكۈزگەن ئىدىم.6 s7 |& C* \. a" p$ K, m
ھەربىر سائەت دەرسنى ياخشى ئۆتۈشكە تىرىشتىم.لېكىن ئۇلارنىڭ مەن بەرگەن تاپشۇرۇقنى ئىشلىمگەنلىكىگە ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى.
( s* H3 R+ b$ v; [  F4 t/ i# Lلېكىن ئاچچىقلىنىشىم توغرا ئەمەسلىكى ناھايىتى ئۆزۈمگە ئايان.بالىلار نېمە قىلمىسۇن،ئۇلار مەڭگۈ سەبىي، ئاچچىقىلىنىشىم توغرا ئەمەس، سەۋەبىنى مەن ئويلاشقا باشلىدىم.
6 ]3 ^9 |/ L5 t  K/ m) \$ M1.تاماكا تاشلاۋاتاتتىم.بەدىنىم نىكوتىنغا ئېھتىياجىلق& s  Z) X* X' ^7 C% E5 f9 V( r
2.مەن 27 گە كىرگەن سۈر بويتاق - ھورمۇنلىرىم ئېشىپ كەتكەندۇ.فزىئو-پىسخىك سەۋەبلەر.بەزىدە بايوئېھتىياجىم ئارتىفىشال قاندۇرلغان چاغدا، كەيپىياتىم ياخشى دەرس ئۆتكەنىدىم.تۈزلىكىمنى كەچۈرۈڭلار. 6 S3 k6 ]$ A: M7 j, r9 Q, l' d3 `
3.كىشلەر ئاچچىقلانغان چاغدا، ھوزۇرلىنىدۇ،بەزىلەر تىللانغان چاغدا ھوزۇرلىنىدۇ.مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن قالغان بۇ رادىئاتسىيە تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشلەرنى ئۆزىمۇ بىلەلمەيدىغان پىسخىك بىنورماللىققا گىرىپتار بولغان، بۇ تۈپەيلى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار قاقشاش كېسلگە گىرىپتار بولغان، ئۇلار قاقشايدۇ، جەمئىيەتتىكلەر قاقشايدۇ، بۇ كېپىنەك ئىففكتىنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ قاقشاپ قالدىم.چۈنكى مەنمۇ بېسىلىشتىن كېلىپ چىققان بېسىمنى چىقىرۋتىشكە مۇھتاج(ئۇسۇلۇم توغرا ئەمەس)
: G- x8 M  m4 w% s' s1 h' C8 L4.لۇسفىر ئىفىككتى(شەيتان ئېفىكتتى-سىتانفورد تەجىرىبىسىدىن چىقىرىلغان خۇلاسە).مەن بەلكىم مۇھىت ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، كىشلەرنى،بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئېزەلەيدىغان ئورۇنغا چىققاندىن كېيىن، بەلكىم رولىمدا ئۆزگىرىش بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن قېلىپ قالغان بۇ ئاسارەت قېنىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن،ۋۇجۇدىمدىكى ئالۋاستى سەكرەپ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇشى مۇمكىن.
' w4 O; @! J" \5.تاشلىۋىتىش -ئوقۇغۇچىلارغا شۇنچە ئەقىدە بىلەن تەييارلىق قىلىپ دەرس ئۆتۈۋتقاچقا، بولۇپمۇ ژان پائۇل ساغتغىنىڭ (مەن زادى ئىنسانىيەت مېنىڭ ھەركىتىم ئارقىلىق ئۆزىنى دەڭسىگۈدەك سالاھىيەتكە ئىگە ئادەممۇ ؟دەيدىغان مەسئۇلىيەت بىلەن دەرس تەييارلىقىمنىڭ ئۈنۈمنى ھېس قىلالمىغاندىن كېلىپ چىققان ئۈمىدىسىزلىك كەيپىياتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىدىم.
7 q! X+ t5 N4 Z8 x6 i6 L- _! F6.ئوقۇغۇچىلاردا كوللىكتپ ئىچىدىكى «نىقابلىق شەخس»بولىۋىلىش خاھىشى بەك ئېغىر.يەنى ئۇلاردا قوش كىملىك(double identity)ياكى پىسىخىك يىمىرلىش ئېغىرلاپ كەتكەن.شۇڭا ئۆزىمۇ خالىمايدىغان ئىككىنچى بىر شەخسىنى ياساپ چىققان، مېنىڭ كۆپ ھاللاردا دۇچ كېلدىغىنىم ئۇلارنىڭ مۇشۇ تەرىپى.شۇنىڭغا مەنمۇ ئىككنچى بىر «مەن»نى ياساپ چىقىپ، ئۇلارغا يۈزلەندۈرگەن بولىشىم مۇمكىن." y$ {) ]4 C- |- E- n
7.قوش تىل ئوقۇغۇچىلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار.يەنى قوش تىل تۈزۈمنىڭ قۇربانلىرى.; X1 f3 P5 z& Y- a6 P+ s
يىغىپ كەلگەندە، مەنمۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ رادىئاتىسىدىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئىزدەۋاتقان بىر شەخس، ئۆزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئاچچىقلىنىش سەۋەبىنىڭ كۈلتۈرەل، پىسىخىك تەرەپلىرىنى ئانالىز قىلىشنى ۋە مەسىلىنىڭ تۈگىنىنى تېپىپ چىقىشنى خالايدىغان بىر مۇئەللىم.5 i0 a  @) S+ a7 G
ھازىر ئوقۇغۇچىلىرىمنى تىللىمايمەن، ھەربىر سائەت دەرسىنى ئۆتۈشتىن بۇرۇن (due date)دىگەن كېنودىكى،پېڭك فلويدىنىڭ «hey you)دىگەن ناخشىسى چىقىدىغان بىر مېنۇتلۇق يىرىنى كۆرۋىتىپ رادىيەتسىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ دەرسكە كىرىمەن.
. w0 Z$ I' n8 M. A: U* u+ O

6

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:52:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Tikenqush يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 12:10
* w7 x0 D- Q. A& r6 i! @پارىژ دىسىڭىز بىر كۈلكىلىك ئىش ئېسىمگە كەپ قالدى. ئۆتك ...

3 R/ t# j- e( s0 Eھۇۋ~~~ھا~ھا~~~~~بەك قىزىق يېزىۋىتىپىسىز.يۇمۇردەكلا.رەھمەت، بىر ھەپتىدىن بېرى تۇنجى قېتىملىق ھەيرانلىق ئىچىدە كۈلۈشىم ئىكەن.
; U7 M7 J$ C. L: d6 y1 C9 ?ماقۇل، ئاخشام قوشنامنىڭ ۋايبايسى ئۈزۈلۈپ تورغا چىقالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن nick cave نىڭ جەسسىي جەيمىس فېلىمدىكى قىستۇرما مۇزىكا song for bobنى ئاڭلىيالمىدىم.شۇنىڭ بىلەن ھېكاينى يازالمىدىم.مەن ھېكايە يازسام مۇزىكا ئاڭلاپ يازىدىغان خۇيۇم بار.ياخشى كۆرگەن مۇزىكامنى قاچىلماي، توردىن بىۋاستە ئاڭلايدىغان ناچار خۇيۇممۇ بار. شۇنداق قىلسام تېجەشلىك بىلەن ئۆزۈمنى سېغىندۇرۇپ ئاڭلايمەن.
5 |2 \. V  g; i, W-مانا، مېھمانغا چاي قۇي.مۇزىكىلار ئورۇنلانسۇن...ھورۇنلۇق ئەركىسى نېرۋانا ھېكايەڭنى داۋاملاشتۇر....
0 P/ c3 s4 n" U0 ~-قېنى مېھمان، ھېكايىگە بېقىشتىن بۇرۇن، چايغا بېقىڭ.

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 13:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق يېزىلىۋاتىدۇ ئاۋۇ مەيلى سىزنىڭ ئايرىم گەپلىرىڭىز ياكى ھىكايىنىڭ داۋامى بولسۇن. دۋاملىق مەرھەمەت) Y6 x, }$ F) S1 E0 W' M9 x6 I
بەزى گەپلەرنى چۈشىنىپ ئوقۇپ بەك كۈلىۋەتتتىم

باھا سۆز

نېرۋانا  قازاق قوشنامنىڭ ۋايفايغا تىلى كەلمەي ۋايباي دەۋاپتىكەن، شۇ ئېسىمگە كەپ قالدى.  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 17:52
نېرۋانا  باغانا ۋايباي تاس ەتە ۈزلىپ كەتە سالدى.سوغان ۋاغىندا جولدايالماي قالدىم، كەشىرىڭىز، كەشىرىڭىز...  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 17:51
This too shall pass

6

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 17:35:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نېرۋانا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-2-3 13:31  
- z0 ~! T! n0 T
5 [. b  i. h: n& Q- V6 x4 Upreviously ئاي ئەم«ئىككى قۇلاقلىق قازان»....

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 18:41:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىرۋانا ئالدىراش بوپ كېتىپ ھىكايىلەرمۇ تۈگەپ قالدى.
This too shall pass

6

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 20:27:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Tikenqush يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 18:41 5 Y! m* m. c/ U5 Q- y+ z& u
نىرۋانا ئالدىراش بوپ كېتىپ ھىكايىلەرمۇ تۈگەپ قالدى.

/ D+ F1 S- q, Q, o8 _( c; V. o3 dكەچۈرۈڭلار:1 N' f; @$ P9 t/ Y
  مەن يېقىندىن بېرى راستىنلا ئالدىراش بولۇپ كېتۋاتىمەن.بىر ئايدىن بېرى تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ناھىيمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق نورۇز پائالىيتىنى ئەل ئىچىدىكلەر بىلەن بىرلىشپ ئۆتكۈزدۇق. ئاڭلىشمىچە(بۇ چاغدا مەن سەھنىنىڭ ئارقىسدا)نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكىگە كىرگەن نۇرغۇن كىشلەر تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتپتۇ.بۇ بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئازغىنە ئۇيغۇرلارنىڭ 21يىلدىن بۇيانقى تۇنجى نورۇز ئۆتكۈزۈشى بولدى.ئاندىن مەكتەپنىڭ ئارخىپ خىزمتىگە چۈشۈپ كەتتىم.
; C, V$ m8 |5 N5 X5 W: O- q  باھار كەپتۇ دەپ ئاڭلىدىم .ھا...ھا...ئەتىگەن ئۆيدىن 6دە چىقىپ كەتسەم، كەچ 11-12دە قايتىۋاتىمەن. شەنبە-يەكشەنبە ماڭا ياتلاشتى.
8 R9 _1 T5 |8 K* [$ Y% oقۇللۇقتا ئۆتكەن ئىككى ئاي بولۇپ قالدى. راستىنلا ئۆزۈمنى قۇلدەك ھېس قىلۋاتىمەن.پەقەت شەكلى ئوخشمايدىغاندەك.
( A" S3 \/ p2 r; r  x8 r3 Hسىلەرنى سېغىندىم.# j; p, G- t" Z1 M# ?. H
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 5-ئايدا بېكار بولارمىشمەن.6 z' I3 x6 z+ W( |

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 12:38:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېرۋانا يوللىغان ۋاقتى  2014-3-27 20:27
2 b9 y0 j- x: `( r9 L2 lكەچۈرۈڭلار:) H6 s5 v  G' N& D* j
  مەن يېقىندىن بېرى راستىنلا ئالدىراش بول ...

2 }# r; R& x% dئادەم ياشلىقىدا ئالدىراش ئۆتسە ياخشى، مەنغۇ قېرىغاندىمۇ ئالدىراش بوپ نىمدىگەن جاپادۇ بۇ
This too shall pass

11

تېما

0

دوست

528

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2017-2-3 21:57:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-7-25 20:48 , Processed in 0.209963 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش